زاتۋور
زاتۋور (خەنچە: 光圈快门، ئېنگلىزچە: Shutter and aperture) بولسا فوتو ئاپپارات نۇر سېزىش پلاستىنكىسى (CMOS يۈزى)نىڭ ئۈنۈملۈك نۇرلاندۇرۇش ۋاقتىنى كونترول قىلىدىغان ئاپپارات . فوتو ئاپپاراتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ، شەكلى ۋە ئىقتىدارى فوتو ئاپپاراتنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىل .ئادەتتە فوتو ئاپپاراتلارنىڭ كونتىرول ئېكرانىدا زاتۋور تەڭشىكى تۈرى بولىدۇ.
ئادەتتە زاتۋورنىڭ ۋاقىت دائىرىسى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى ، 30″-1/8000 ۋاقىت دائىرىسى 30″-1/4000″ لىق ۋاقىت دائىرىسىدىن چوڭ .
بۇ يەردىكى ۋاقىت دائىرىسى ئاپپاراتنىڭ رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتىنى كۆرسىتىدۇ .
ئوتتۇز سىكونىتتا بىر قىتىم رەسىمگە تارتىشتىن سەككىز مىڭدىن بىر سېكۇنت ۋاقىتتا بىر قېتىم تارتىشقىچە بولغان تەڭشىگىلى بولىدىغان ۋاقىت ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ .
بىر پارچە رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن ئاپپارات ئىچىدىكى يۇقارقىدەك قۇرۇلما بىر قېتىم ئېچىلىپ يىپىلىدۇ ، (رەسىمگە تارىتقاندىكى چارىس قىلغان ئاۋاز دەل مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ ).
مەسىلەن بىر پارچە رەسىمنى تارتىش ئۈچۈن ئاپپارات تەڭشىكىدە 100/1 دىگەن سان بولسا بۇ بىر پارچە رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنىڭ يۈزدىن بىر سىكونىت ( بىر دەقىقە ) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، ئادەتتە ئاپپاراتنىڭ ياخشىراقلىرىنى 8000/1 (سەككىزمىڭدىن بىر سىكونىت) تىزلىككىچە تەڭشىگىلى بولىدۇ ،
ئاپپاراتنىڭ باشقا تەڭشەكلىرى ياخشى ماسلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا زاتۋور ۋاقتى قانچىكى كىچىك تەڭشەلگەن بولسا تىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنى سۈرەتكە تارتىشقا ماس كېلىدۇ ، مەسىلەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى ، تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىۋاتقان ماشىنا قاتارلىقلار .
زاتۋور ۋاقىتنى چوڭ قىلىپ تەڭشىگەندە ئاپپاراتقا كىرگەن نۇر مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ ، كەچلىرى رەسىمگە تارىتقاندا ۋە نۇر يىتەرلىك بولمىغان ئورۇنلاردا زاتۋور ۋاقتىنى چوڭ قىلىپ تەڭشەش ئارقىلىق قاراڭغۇ مۇھىتتىمۇ نۇر ياخشى تەڭشەلگەن رەسىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .